تۈركىيە ئافغانىستاندا بىر مەكتەپ رېمونت قىلىپ بەردى

ئافغانىستاندا ئۆرۈلۈش خەۋپى بار بىر مەكتەپ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن رېمونت قىلىندى.

2215358
تۈركىيە ئافغانىستاندا بىر مەكتەپ رېمونت قىلىپ بەردى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۈركمەنىستان چېگراسىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىدىكى مۇرچاق يېزىسىدا ئۆرۈلۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر مەكتەپ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن رېمونت قىلىندى.

تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ مەكتەپتە 2 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.

رېمونت قىلىش خىزمىتى دائىرىسىدە بىنا مۇستەھكەملىنىپ، ئىشىك-دېرىزىلەر يېڭىلاندى، تاملار بويالدى، سىنىپلارغا پارتا، ئۈستەل، ئورۇندۇق، دوسكا ۋە ھەر خىل ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەكتەپ مەسئۇللىرى ياردىمى ئۈچۈن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

تۈركمەنلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركمەن، تۈرك، پارس ۋە پەشتۇ تىللىرىدا شېئىرلارنى ئوقۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر