سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تېررورچىلارنى تازىلاشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق ۋە گارا رايونلىرىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باشقا رايونلاردا تېررورچىلارنى ئۆز ئۇۋىسىدا تېز، ئۈزلۈكسىز ۋە كۈتۈلمىگەن شەكىلدە تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق ۋە گارا رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 13 تېررورچى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلار قەيەردە بولمىسۇن قەھرىمان قىسىملىرىمىزدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ياپونىيە شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە ۋەلىئەھدى شاھزادىسى ئاكىشىنونى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.