«غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، رايوندا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ غەززەدە ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، رايوندا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2215119
«غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، رايوندا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەن ۋە ھەيئەتلەر ئارا يىغىندىن كېيىن، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىقنى تۈركىيەدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «ئومان بىلەن تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەر ساھەدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. قەدىرلىك قېرىندىشىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ ئۇچرىشىشلاردا ھەر خىل ساھەلەرگە كېڭەيگەن مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قۇرۇلمىلىق ھالدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەقسەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىز پايدىلىنالايدىغان تاللاشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سانائەت، مەبلەغ سېلىش، ساغلاملىق، مەدەنىيەت، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 10 ھۆججەت ئىمزالاندى، بىرلەشمە باياننامە ماقۇللاندى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ لىۋاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، غەززەدە ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، رايوندا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىشى بەك كېچىككەن بولسىمۇ مۇھىم بىر قەدەمدۇر. غەززەدە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بولسا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز رايونىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر