فىدان مۇرەسسەچىلىك خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مۇرەسسەچىلىك خىزمەت يىغىنىدا قاتناشقۇچىلارغا خىتاب قىلدى.

2215140
فىدان مۇرەسسەچىلىك خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى بىلەن خەلقئارا مۇرەسسەچىلىك باش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت يىغىنىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرىدىكى مەسئۇللار، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مىنىستىر فىدان خىزمەت يىغىنىدا، مۇرەسسەچىلىك ئاساسىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك نىشان ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

فىدان بۇ ساھەدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ساھەسىدە خەلقئارالىق سەھنىلەردە جارى قىلدۇرۇۋاتقان «ئۆزگىچە رولى» نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكى ۋە رولىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى يۆنىلىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

 يىغىندا يەنە، تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك ساھەسىدىكى ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى، مۇرەسسەچىلىك رولىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى ساھەلەردە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولالايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ  رولىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  تېگىشلىك نۇقتىلار مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر