«لىۋان – ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»
تۈركىيە لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
لىۋاندا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە لىۋاندا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇرلىشى كېرەك.
تۈركىيە لىۋاندا ئىچكى جەھەتتىن تىنچلىق ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىشكە ھەردائىم تەيياردۇر.
رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن غەززەدىمۇ دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى ئېلان قىلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەنلىك سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك.»
لىۋان-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.