«كەركۈكنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلمەسلىكى كېرەك»

تۈركىيە كەركۈكتە تارىخ داۋامىدا شەكىللەنگەن دېموگرافىك قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2213009
«كەركۈكنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلمەسلىكى كېرەك»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە كەركۈك ۋە ئىراقتىكى تۈركمەنلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

كەچەلى باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ، تۈركمەنلەرنىڭ كەركۈكتىكى تىنچلىقى-خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كەچەلى ئىراقتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى كۆپ ساندا كوردلارنىڭ كەركۈككە كۆچۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر تەكشۈرۈشتە مىللىي كېلىپ چىقىشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار توپلانمايۋاتىدۇ، دەرۋەقە بۇ كۆچۈش ئەھۋاللىرى ئىراقلىق تۈركمەنلەر ۋە ئەرەبلەرنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالماقتا، بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلار نەتىجىسىدە كەركۈكلۈك بولمىغان كىشىلەر كەركۈك نوپۇسىغا كىرىۋېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ كەلگۈسىدىكى سايلاملارغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئىراق دائىرىلىرى ئالدىنقى ئەسىردە سان-ساناقسىز قەتلىئام ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشى باھانىسىدە يەنە بىر قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. كەركۈكنىڭ ئەزەلدىن شەكىللەنگەن دېموگرافىك قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلمەسلىكى، كەركۈك خەلقى قانۇن – بەلگىلىمىلەردە بېكىتىلگىنىدەك، ۋىلايەتنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرى سۈپىتىدە بىرلىكتە ئىناق ياشىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر