جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئېنېرگىيە ساھەسىدە تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە بەرپا قىلىش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئېنېرگىيە ساھەسىدە تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە بەرپا قىلىش يولىدا دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېدى.
2212909
ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستانبۇل ئېنېرگىيە مۇنبىرى»دە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېقىندىن بۇيان رايوندا يۈز بەرگەن كىرىزىسلارنىڭ، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ مىڭىنچى كۈنىگە كېلىپ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە چەت ئەلگە تايىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئورناتقان تەڭپۇڭ مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن بۇ قىيىن مەزگىلدىن ئەڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن دۆلەتلەردىن بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېنېرگىيەنى مۇقىم تەمىنلەش، چەت ئەلگە تايىنىشنى ئازايتىش ۋە ئېنېرگىيە چىقىمىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىز ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئەكسىچە، ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى چەتتىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر دۆلەتمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كاندىن نېفىت-گازغىچە، شامالدىن قۇياش ئېنېرگىيەسىگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە قۇرۇش نىشانى بىلەن دادىل ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان ئاخىرىدا: «كىم نېمە دېسۇن، ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەرقانداق ساھەدە دۆلىتىمىزنى نامەرتكە موھتاج قىلماسلىقتا قەتئىي ئىرادىلىكمىز» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.