تۈركىيە-پەلەستىن ساقچىلارنى تەربىيەلەش كېلىشىمى تەستىقلاندى

تۈركىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ساقچىلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

2210280
تۈركىيە-پەلەستىن ساقچىلارنى تەربىيەلەش كېلىشىمى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ راماللاھ شەھىرىدە 2022-يىلى 24-ماي ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ساقچىلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشى» ھەققىدىكى قارار، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلندى.

كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقچىلارنى تەربىيەلەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەرەپلەر تەلىم-تەربىيە ئېھتىياجىنى بەلگىلەش ئۈچۈن «تەرلىم-تەربىيە ئېھتىياج ئانالىزى» ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئانالىز توغرىسىدا ئۆزئارا تەلىم-تەربىيە پىروگراممىلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ.

كېلىشىم رامكىسىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورگانلىرىدا كۇرسانتلارغا يىللىق تەربىيەلەش خىزمەتلىرى سۇنۇلىدۇ.

كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تۈركىيە بىلەن پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر