ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا 2 مىڭ 505 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 2 مىڭ 505 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2210097
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 48 تېررورچىنىڭ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2 مىڭ 505 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا تېررورچىلارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىدىن قېچىۋاتقانلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.