گېرمانىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈرك قىزىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 12 ياشلىق تۈركىيە پۇقراسى ئايشەگۈلنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

2209955
گېرمانىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈرك قىزىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 12 ياشلىق تۈركىيە پۇقراسى ئايشەگۈلنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتلىقىنى ۋە پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 12 ياشلىق پۇقرايىمىز ئايشەگۈلنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ پات يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق.  دۇسسېلدورف باش كونسۇلخانىمىز تەكشۈرۈش جەريانىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە. ئايشەگۈل ۋە ئائىلىسىدىن ھال سورايمىز ھەمدە ئايشەگۈلگە شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر