تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇچقۇچى تەربىيىلەش ئايروپىلانى HÜRJET نىڭ ئىككىنچى تىپى سىناقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ)  ياساپ چىققان تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي ئۇچقۇچى تەربىيىلەش ئايروپىلانى HÜRJET نىڭ ئىككىنچى تىپى تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

2209568
تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇچقۇچى تەربىيىلەش ئايروپىلانى HÜRJET نىڭ ئىككىنچى تىپى سىناقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ)   نىڭ ئۇقتۇرۇشىغا  ئاساسلانغاندا، تۇنجى ئىشلەپچىقىرىلغان HÜRJET ئايروپىلانى 2023-يىلى 25-ئاپرېلدا بىرىنچى قېتىم ئۇچقان بولۇپ، ھازىرغىچە 140 تىن ئارتۇق سىناق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. تۇنجى تىپى 45 مىڭ پۇتتىن ئارتۇق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋاز تېزلىكىدىن ھالقىغان.

HÜRJET نىڭ ئەمدىكى ئىككىنچى تىپى بولسا، 26 مىنۇت ھاۋادا ئۇچۇپ، ھەر خىل مانېۋىر سىناقلىرىنى ئۆتكۈزدى.

سىناقتا 200 كنوت تېزلىكتە 10 مىڭ پۇت ئېگىزلىكتە ئۇچۇشنى مۇۋەققىيەتلىك تاماملىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر