فىدان بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2209540
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىداننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئونجۈ كەچەلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز خاقان فىدان تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، لىۋاندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.»