يەرلىكايا ۋېنگىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ۋېنگىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ساندور پىنتېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

2209335
يەرلىكايا ۋېنگىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يەرلىكايا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ۋېنگىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ساندور پىنتېر بىلەن ۋېنگىرىيەدە كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇداپېشت مۇساپىسى 7 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيەدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق. ئۇچرىشىشتا بىخەتەرلىك، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر