ئەردوغان باكۇدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىرلەشمە يىغىنىدىن كېيىن، ئەزەربەيجانغا يېتىپ بېرىپ، پايتەخت باكۇدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
ئەردوغان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
ئەردوغان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن باكۇدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە تۈركىيە – ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ ئۇكرائىنا، پەلەستىن ۋە لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.