ئەردوغان باكۇدا ئەلىيېۋ، ساندۇ  ۋە توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ۋە مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ بىلەن كۆرۈشتى.

2209435
ئەردوغان باكۇدا ئەلىيېۋ، ساندۇ  ۋە توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باكۇدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 29 – نۆۋەتلىك دۇنيا رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى رەھبەر تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 29 – نۆۋەتلىك دۇنيا رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلھام ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتقان.

ئەردوغان كېيىنچە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ۋە مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىن دائىرىسىدە، باكۇدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر