سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا ھېچقانداق بىر جايدا چىقىش يولى يوقتۇر. قەھرىمان قىسىملىرىمىز ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچىنى، ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 1 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئەسكەر شېھىت بولدى.