ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردوغان يەنە بىر قېتىم تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چانكايا سارىيىدىكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى مىللىي كۈرەشنىڭ باش قوماندانى، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقىدا، ئۇنى يەنە بىر قېتىم رەھمەت بىلەن ئەسلەپ باشلىدى.
ئەردوغان سۆزىدە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلەپ: «تېررورلۇق يوقالغان، بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ قارا سايىسى سىياسەت ۋە جەمئىيەت ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غايىپ بولغان، گۈللەنگەن، تىنچ-خاتىرجەم، شۇنداقلا بىخەتەر مۇھىتنى مەملىكىتىمىز بويىچە چوقۇم بەرپا قىلىمىز ھەمدە مۇستەھكەملەيمىز» دېدى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قەندىلدىكى تېررور خوجايىنلىرى قۇترىتىۋاتقان قانلىق ۋە رەزىل ئۆلۈم قىلتاقلىرىنى پاچاقلاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.