نۇمان قۇرتۇلمۇش مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقىنى خاتىرلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش غازى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

2208524
نۇمان قۇرتۇلمۇش مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقىنى خاتىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ھەمبەھىرلىدى:

«مىللىي ئىرادىنىڭ قارارگاھى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىزنىڭ تۇنجى رەئىسى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنى ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقىدا ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. مىللىي كۈرەشنىڭ، مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك بىر تۈركىيە غايىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرىسىنى ياد ئەتكەن ھالدا، مۇستەقىللىقىمىز ۋە كېلەچىكىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزگە، بارلىق غازىلىرىمىزغا رەھمەت تىلەيمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىللىي بىرلىك، مۇستەقىللىق روھى ۋە مىللىي ھاكىمىيەتكە ئىگە چىققان بىر ئېتىقاد بىلەن جۇمھۇرىيىتىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان قەتئىي ئىرادىمىزنى تەكىتلەيمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر