تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ كۇئېتتا شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2208441
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ كۇئېتتا شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«پاكىستاننىڭ كۇئېتتا شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايمىز.»

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ كۇئېتتا شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 46 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر