ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاراباغ غەلىبىسىنىڭ تۆتىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، قاراباغ غەلىبىسىنىڭ تۆتىنچى يىللىقىنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە تەنتەنىلىك تەبرىكلەۋاتقان قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان ۋە ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ زەپەر كۈنىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ قېرىندىشىمنىڭ رەھبەرلىكىدە 44 كۈنلۈك ۋەتەن ئۇرۇشىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان ئەزالىرىغا دۆلىتىم ۋە خەلقىم نامىدىن ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن. ئىسىملىرىنى تارىخقا شەرەپ بىلەن يازدۇرغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي. قاراباغنىڭ سامالىرىدا شانلىق ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ لەرزان لەپىلدىشى ئۈچۈن ئېزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان ئاشۇ قەھرىمانلارنى چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.