ئەردوغان ترامپ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستان ۋە ۋېنگىرىيە زىيارەتلىرىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىۋېتىپ ھەمراھلىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2208166
ئەردوغان ترامپ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستان ۋە ۋېنگىرىيە زىيارەتلىرىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ دونالد ترامپ بىلەن 5-نويابىردىكى سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سەمىمىي تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز سايلام جەريانى ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى جەريان توغرىسىدا تۈركىيە ھەققىدە ياخشى سۆزلەرنى قىلدى. بىز ئۇنى دۆلىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇنىڭ تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز پەلەستىن مەسىلىسى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كەلدۇق. تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئارقىلىق بۇلارنى ھەل قىلىش مۇمكىن. پەلەستىن ۋە لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، ترامپ ئەپەندىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال ياردىمىنى توختىتىشى ياخشى باشلىنىش بولالايدۇ. ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن باشلانغان بۇ توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋەدىلىرى بار. بىز شۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ۋە ئىسرائىلىيەگە ‹توختا› دېيىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ترامپ دەۋرىدە مەسىلىگە ھەل قىلىش پوزىتسىيەدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۆرسەك، بىز بۇ (رۇسىيە-ئۇكرائىنا) ئۇرۇشىنى ئاسانلا ئاخىرلاشتۇرالايمىز» دېدى.

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان  ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرىماستىن باراۋەر شارائىت ئاستىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن (ئەزالىق نامزاتلىقى جەريانىدا) زايە قىلىنغان ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان يىراقنى كۆرەر بىر پوزىتسىيە كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر