فىدان گىرېتسىيەدە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيەدە مۇھىم سۆز قىلدى.

2208253
فىدان گىرېتسىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگو گېراپېتىرىس بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر فىدان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىز بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، بىز ئالدىمىزدىكى تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي مۇھىتنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەبەدىي ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

قاتناش ھەمكارلىقى دائىرىسىدە ئىپسالا-كىپى چېگرا ئېغىزىغا ئىككىنچى كۆۋرۈك سېلىش تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

قىبرىس مەسىلىسىنى ئارالدىكى رېئاللىق ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. قىبرىس ئارىلىدا فېدېراتسىيە مودېلىنىڭ ئۈنۈملۈك بولمايدىغانلىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسپاتلاندى. ئارالدا تۈركلەر ۋە رۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى بىر روھقا ئېھتىياج بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر