تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىغا قىلغان ھۇجۇملىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئولتۇرۇشتا سۆز قىلدى.
يىلدىز سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى خادىملىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مەزكۇر ئورگانغا قىلىنغان ھۇجۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىشى كېرەك.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىنىڭ مەلۇم مەقسەتتە ۋە سىياسىي نىيەتتە ھۇجۇملارغا ئۇچرىشى قەتئىي يول قويغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئەسكەر شېھىت بولدى.