خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ
مىنىستىر شىمشەك ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمى بولغان تۈركىيە-خىتاي ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
2207610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك زىيارەت جەريانىدا مەبلەغ ۋە مالىيە شىركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.
مەھمەت شىمشەك خىتاي دۆلەت رەئىسى مۇئاۋىنى خەن جېڭ ۋە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مىنىستىر شىمشەكنىڭ زىيارىتىدە ئۆزئارا سىياسىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمدە سودا-ئىقتىساد مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئەسكەر شېھىت بولدى.