فىدان گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە گىرېتسىيەگە زىيارەتكە بارىدۇ.
2207760
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىرىمىز 2024-يىلى 8-نويابىر گىرېتسىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ. گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگو گېراپېتىرىس بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەمدە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر خاقان فىدان ئافېنا زىيارىتىدىن بۇرۇن گىرېتسىيە مەتبۇئاتىغا بايانات بەردى؛ «تا نېئا» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن فىدان، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئەگە دېڭىزىنى تىنچلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش» نىشانىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى يورگوس يېراپېتىرىس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر فىدان، دىيالوگقا ئوچۇق، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئاساس قىلغان پوزىتسىيە قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى كىرىزىسقا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دوستۇم يورگو بىلەن تېلېفونلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە 24 سائەت ئۇلىنالايدىغان ھالەتتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئەسكەر شېھىت بولدى.