ئەردوغان: تۈرك دۇنياسى ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئالدىمىزدىكى دەۋرنى تۈرك دۇنياسى ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

2207265
ئەردوغان: تۈرك دۇنياسى ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلغان 11-نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۈلگىلىك بىر مۇنبەرگە ئايلاندى. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ئىرادە ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق دوستلىرىمدا يېتىپ ئاشقۇدەكلا بار. تەشكىلاتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىمىز» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئورتاق ئېلىپبە ۋۇجۇدقا چىقىرىش تىرىشچانلىقى 2024-يىلى سېنتەبىردە تاماملاندى. ئورتاق ئېلىپبەمىز كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ ئالامىتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئېلىپبەنى ئاساس قىلىپ، تېگىشلىك ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەزالىرىمىز يېڭى ئېلىپبەگە ئۆتۈش يولىدا قەدەم تاشلىسا ياخشى بولىدۇ. تۈرك دۇنياسى ئەسىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ يىغىنغا ھۆرمەتلىك مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ئەردوغان، «(شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ) تەشكىلاتىمىزنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمىنى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشى ھەمكارلىق ئىرادىمىزنىڭ نامايەندىسى. ئۇلارنىڭ پات يېقىندا تولۇق ئەزا سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشىنى كۈتمەكتىمىز. قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشىدا تۈرك دۇنياسىنىڭمۇ مەسئۇليىتى بار. ئۇكرائىنادىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ۋە ئادىل تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى قوللايمىز» دېدى.

سۆزى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە لىۋاندىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «غەززە قاتارلىق ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ توختىلىشى مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت رول ئوينىيالمىدى. قارارمۇ چىقىرالمىدى، چىقىرىشنىمۇ خالىمايۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ قان ۋە كۆز يېشىنى پۈتكۈل رايونغا كېڭەيتىش نىشانىنى لىۋاندا كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ رەھىمسىزلىكنى، قەتلىئامنى قوبۇل قىلمايمىز. ئىسرائىلىيەنى توختىتىپ، مەڭگۈلۈك پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر