ئەردوغان: تۈرك دۇنياسى غەززەدىكى پاجىئەگە تېخىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈرك دۇنياسى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەت پاجىئەسىگە قارىتا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك» دېدى.

2206980
ئەردوغان: تۈرك دۇنياسى غەززەدىكى پاجىئەگە تېخىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان قىرغىزىستاندا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇارسىمدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە، مائارىپ، سەھىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە 19 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى بىشكەكتە قۇرۇپ، ئەسلىھەلەشتۈرگەن قىرغىز-تۈرك دوستلۇق دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «قېرىنداش قىرغىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت جاپاروۋ بىلەن دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «غەززە قاتارلىق ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرى ۋە لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە زۇلۇملىرى سۆھبىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپى بولدى. تۈرك دۇنياسى غەززەدىكى ئىنسانىيەت پاجىئەسىگە قارىتا كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «قىرغىز جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە قوشقان تۆھپىلىرى» سەۋەبىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك «ماناس ئوردىنى» تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر