تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى بىشكەكتە ئېچىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

2207121
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى بىشكەكتە ئېچىلدى
hakan fidan tdt disisleri bakanlari toplantisi.jpg
hakan fidan tdt disisleri bakanlari toplantisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە يىغىن چاقىردى.

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئەنبېك كۇلۇبايېۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات نۇرتلېۋ، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەئىدوۋ، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر سېپىدىكى ۋېنگىرىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سىججارتو ۋە تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى قۇبانىچبەك ئۆمۈرئەلىيېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن تەشكىلات باش كاتىپى ئۆمۈرئەلىيېۋ قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە بۈگۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ 11-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە يىغىننىڭ تېمىسىنىڭ «تۈرك دۇنياسىنى كۈچلەندۈرۈش: ئىقتىسادىي بىرلىك، سىجىل تەرەققىيات، رەقەملىك كەلگۈسى ۋە ھەممە ئۈچۈن بىخەتەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمۈرئلىيېۋ يەنە يىغىننىڭ ئاخىرىدا 100دىن ئارتۇق مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىشكەك خىتابنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلۇبايېۋمۇ يىغىندا تەشكىلاتقا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېشىل ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر