ئەردوغان قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان تۈركىيە – ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2206790
ئەردوغان قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيە – قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تېخنىكىلىق ياردەم لايىھەلىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن بىز ئىمزالايدىغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئارقىلىق ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى زۇلۇمىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ۋىجدانىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىر لىۋانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا تۈزۈمگە تەھدىت سالماقتا. بىز ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا غەززەدە پۇقرالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەگە ئىنسانىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولغانىدۇق. تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك  ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

قىرغىزىستاننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان خەلقئارالىق بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاپپاروۋ پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن، ئەردوغانغا بىرىنچى دەرىجىلىك «ماناس ئوردېنى» تەقدىم قىلدى.

ئەردوغانمۇ سادىر جاپپاروۋغا تۈركىيەنىڭ ئۆزى ياسىغان «توگگ» توك ئاپتوموبىلىنى سوۋغا قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستان تۈركىيە – ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئۇ، 2022-يىلى تۈركىيە مائارىپ فوندى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مائارىپىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا بۈگۈنگىچە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق مىڭلىغان قىرغىز ئوقۇغۇچىسىغا تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بىشكەكتە سالدۇرۇلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىشكەك قىرغىزىستان – تۈركىيە دۆلەتلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە بۈگۈن ئەتىگەن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر