«تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2206580
«تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيە – قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تېخنىكىلىق ياردەم لايىھەلىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن بىز ئىمزالايدىغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئارقىلىق ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى زۇلۇمىنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ۋىجدانىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىر لىۋانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا تۈزۈمگە تەھدىت سالماقتا. بىز ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا غەززەدە پۇقرالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەگە ئىنسانىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولغانىدۇق. تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك  ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

قىرغىزىستاننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان خەلقئارالىق بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە بۈگۈن ئەتىگەن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر