قۇرتۇلمۇش بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى برازىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بىرازىلىيەنىڭ پايتەختى بىرازىلىيەدە 6 – 8 – نويابىر كۈنلىرى «ئادىل بىر دۇنيا ۋە ياشىغىلى بولىدىغان بىر يەر شارى بەرپا قىلىش» تېمىسىدا چاقىرىلىدۇ.
بىرازىلىيە دۆلەت مەجلىسى سارىيىدا چاقىرىلىدىغان يىغىندا، «پارلامېنتلارنىڭ ئاچارچىلىق، نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىككە قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسى»، «سىجىل تەرەققىياتنى قوللاش مەسىلىسىدە پارلامېنتلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە» ۋە «21-ئەسىردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دۇنياۋى تۈزۈم ئورنىتىش مەسىلىسىدە پارلامېنتلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە» تېمىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ يىغىندا سۆز قىلىشى ھەمدە يىغىن جەريانىدا ئىشتىراكچى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت رەئىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ياپونىيە شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە ۋەلىئەھدى شاھزادىسى ئاكىشىنونى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.