ئەردوغان: غەززەدە بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 40-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدىكى سۆزىدە غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قاتتىق تەنقىدلىدى.

2206318
ئەردوغان: غەززەدە بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 40-نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان پەلەستىندە 13 ئايدا 50 مىڭ كىشىنىڭ شېھىت  بولغانلىقىنى، 2 مىليون كىشىنىڭ دورا-دەرمان ۋە ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدۇرۇلۇپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غۇرۇرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يېقىنقى بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرى دەل يېنىمىزدىكى غەززەدە يۈز بەردى ۋە يۈز بېرىۋاتىدۇ. زىئونىست ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى 13 ئايدىن بۇيان ھەر خىل زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قىلدى. ئەمما پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى تىز پۈكتۈرەلمىدى» دېدى.

ئەردوغان غەززە ۋە لىۋانغا قارىتىلغان زىئونىست تاجاۋۇزچىلىققا بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋابلارنىڭ بىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆز قاراش پەرقلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەلەستىن ۋە لىۋان خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 85 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ياردەم بىلەن غەززەگە ئەڭ كۆپ ياردەم يەتكۈزگەن دۆلەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر