تۈركىيە سۇداننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە سۇداندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە جەزىرە ئۆلكىسىدە پۇقرالارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2206018
تۈركىيە سۇداننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇداندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سۇداندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە جەزىرەدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىنى ۋە ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي ئەمەلىيلىشىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىپ: «سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايمىز. سۇدان خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر