تۈركىيە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئۈلگە دۆلەت بولدى

تۈركىيە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۇنياغا ئۈلگە دۆلەت قىلىپ باھالاندى.

2205760
تۈركىيە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئۈلگە دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا پوچتا – تېلېگراف ئىتتىپاقى دۇنيا تور بىخەتەرلىكى ئىندېكسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا كۆرە، 194 دۆلەت ئىچىدە بارلىق باھالاش ئۆلچەملىرىدە تولۇق نومۇر ئالدى.

دۇنيا تور بىخەتەرلىكى ئىندېكسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، تۈركىيە 194 دۆلەت ئىچىدە «بىرىنچى دەرىجىلىك ئۈلگە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا پوچتا – تېلېگراف ئىتتىپاقى دۇنيا تور بىخەتەرلىكى ئىندېكسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قانۇنىي تۈزۈم، ھوقۇقىي تەرتىپ، تېخنىكىلىق ئاساس،  سەۋىيە ئۆستۈرۈش،تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە ئورگانلار ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە باھالاپ دەرىجىگە ئايرىدى.

تۈركىيە بارلىق ساھەلەردە 20 تولۇق نومۇر ئېلىپ، «ئۈلگە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر