تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس ئوتتۇرىسىدا 3 كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان 3 كېلىشىم ئىمزالاندى.

2205657
تۈركىيە – شىمالىي قىبرىس ئوتتۇرىسىدا 3 كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ لېفكوشا شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان 3 كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا مۇھىت ئاسراش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، تۈركىيەنىڭ لېفكوشا باش ئەلچىسى ياسىن ئەكرەم سەرىم، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ساياھەت، مەدەنىيەت، ياشلار ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى فىكرى ئاتائوغلۇ، قۇرۇلۇش ۋە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرھان ئارىقلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دۇرسۇن ئوغۇز قاتارلىقلار قاتناشتى.

مىنىستىر قۇرۇم مۇراسىمدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئابرويى، پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئورتاق كېلەچەك ئۈچۈن كېلىشىملەرنى ئىمزالاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ساھەلىرىدە قويۇلغان ئىمزالارنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»

قۇرۇم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن بىر سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن تۈرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر