مىنىستىر فىدان جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان جىبۇتىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ 2-3-نويابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقى 3-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار دەرىجىلىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز، تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىقى 3-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار دەرىجىلىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 2024-يىلى 2-3-نويابىر كۈنلىرى جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ. يىغىنغا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ھەمدە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. يىغىندىن كېيىن، ئورتاق باياننامە ۋە <2022-2024 – يىللىق ئورتاق پائالىيەتلەر دوكلاتى> قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ماقۇللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»