سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقانى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچىنى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ رايونلاردىىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.