مىنىستىر فىدان جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان جىبۇتىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2205489
مىنىستىر فىدان جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جىبۇتىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

2-3-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، فىدان ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

فىدان يەنە تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسانىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا  تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.

يىغىندا تۈركىيە - ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 يىغىن ئاخىرىدا «ئورتاق باياننامە» ۋە «2022-2024  - يىللىق ئورتاق پائالىيەتلەر دوكلاتى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەر ماقۇللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر