نۇمان قۇرتۇلمۇش پارلامېنتلارئارا قۇددۇس ۋە پەلەستىن مۇنبىرى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پارلامېنتلارئارا قۇددۇس ۋە پەلەستىن مۇنبىرى رەئىسى ھەمدە يەمەن پارلامېنت ئەزاسى ھامىد ئابدۇللاھ ئەل-ئەھمار بىلەن مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئىستانبۇل خىزمەت ئىشخانىسىدىكى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى قوللىشى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مىللەت، ئورگان ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە پەلەستىن دەۋاسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى بىر مەجبۇرىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىيەنىڭ كەسكىن مەيدانىنى بارلىق مۇنبەرلەردە ئېنىق ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جەنۇبىي ئافرىقانىڭ خەلقئارالىق ئادالەت سوتىغا مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن پەلەستىن دەۋاسىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتقان نۇمان قۇرتۇلمۇش، بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە پەلەستىن دەۋاسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك فىرونتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
پارلامېنتلارئارا قۇددۇس ۋە پەلەستىن مۇنبىرى رەئىسى ھەمدە يەمەن پارلامېنت ئەزاسى ھامىد ئابدۇللاھ ئەل-ئەھمار پەلەستىن دەۋاسىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى.
قوبۇل قىلىش يىغىنىغا جازائىر مىللەت كېڭىشى مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەد خارچى، تۈركىيە-پەلەستىن پارلامېنتلارئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ھەسەن تۇران، ئىيوردانىيە پارلامېنت ئەزاسى يانال فرايھات، سېنېگال پارلامېنت ئەزاسى مارىتو دىيېڭ، كولومبىيە پارلامېنت ئەزاسى كلارا يۇگېنىيا لوپېز ئوبرېگون، پەلەستىن دۆلەت كېڭىشى ئەزاسى شەرىف ئەلى ھۈسەيىن مىشال ۋە سابىق مىسىر پارلامېنت ئەزاسى ئادىل راشىد قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.