تۈركىيە رەھبەرلىرى TUSAŞ ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە رەھەرلىرى تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قەھرىمانقازان ناھىيەسىدىكى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قەھرىمانقازان ناھىيەسىگە جايلاشقان مۇئەسسەسەسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىىدا 5 كىشى شېھىت بولدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 5 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 22 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىكايا تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان بىرى ئايال ئىككى تېررورچىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ۋە بۇ تېررورچىلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورچىلارنى نەپەستىن پۈتۈنلەي توختىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش خائىنلارچە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىدا يوقلىدى.
قۇرتۇلمۇش بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن سۇيىقەستلىك ئويۇنلارنى پىلانلاۋاتقانلارنىڭ كىملىكىنى ئوبدان بىلىمىز.»
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر داۋاملىق بۇ تېررورچىلارنىڭ ئىزىغا چۈشىمىز، ئۇلارغا بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ تېتىتىمىز، بۇنى ھەممەيلەن چوقۇم كۆرىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىڭلار.»
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن مۇنداق دېدى:
«دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تېررور تەھدىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرىشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان قاتاردا سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەدىر جاموس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.