تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە 1 يىل ئۇزارتىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قارمىقىدا لىۋاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە 1 يىل ئۇزارتىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاندىكى ۋەزىپە مۇددىتىنى يەنە 1 يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.
قارارنامىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2006 – يىلى 11 – ئاۋغۇست كۈنى ماقۇللىغان 1701 – نومۇرلۇق قارارى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 2006 – يىلى 5 – سىنتەبىردە چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى، بۇ ئارقىلىق تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قارارنامىدە يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2025 – يىلى 31-ئاۋغۇستقىچە ئۇزارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، بۇ دائىرىدە لىۋان بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايوندىكى توقۇنۇش مۇھىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەۋجۇت بىخەتەرلىك شەرت - شارائىتلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2024-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يەنە 1 يىل ئۇزارتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.