ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروسېتتو تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مۇھىم ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە، كانادا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەركىب تاپقان G7 دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ناپولېدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ساھىبخان دۆلەت ئىتالىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروسېتتو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
كروسېتتو بىر مۇخبىرنىڭ كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيە ۋە لىۋانغا بارىدىغان-بارمايدىغانلىقى ھەققدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن چوقۇم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىمەن، چۈنكى تۈركىيە پەلەستىن ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيىلەشتە كارابىنىئېر (ژاندارما) بىلەن پائالىيەت ئورنىتىشتىكى مۇھىم ئاكتىيورغا ئايلانماقتا. دەل مۇشۇ پوزىتسىيە سەۋەبىدىن پەقەت بىر تەرەپ بىلەنلا ئەمەس، مەيداندىكى بارلىق ئاكتىيورلار بىلەن سۆزلىشىشىم كېرەك. تۈركىيەنىڭ يەنە بىر تەرەپ بىلەن دىئالوگى بار. مەن بولسام، ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن خىزمەت قىلىدىغان ھەممەيلەننىڭ، بولۇپمۇ بۇ خىل ۋەزىپىگە قاتناشقان ھەممەيلەننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك بولغاچقا، مەيداندىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن سۆزلىشىشىم كېرەك. تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىش ھەم ئوتتۇرا شەرق ھەم ئافرىقا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى ئەمدىلىكتە تۈركىيەنىڭ لىۋىيە ۋە سومالىدىكى مۇھىم سۆھبەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئاندىن مەن لىۋان ۋە ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىش پىكرىدە ئىدىم. كۆرىمىز، تەرەققىياتلارنى كۆرىمىز» دېدى.
كروسېتتو ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززە ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «غەززە رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېقىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىنى كۈچلۈك قوللايمىز. بىز يەنە ھەم ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىككى دۆلەت قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېدى.