ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ 18- ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
2200502
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك باياناتى ئېلان قىلدى.
ئەردوغان تەبرىك باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«دوستىمىز، قېرىندىشىمىز؛ ‹ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت› ئېڭىغا ئىگە ئەزەربەيجاننىڭ 18-ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى، قەدىرلىك قېرىندىشىم ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە پۈتۈن ئەزەربەيجان خەلقىگە تۈركىيەدىن ئوتلۇق سالام يوللايمەن.»
ئەردوغان باياناتىدا تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرىنىڭ بىرلىكتە لەپىلدەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.