ئەردوغان ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ئىران ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئېراقچى ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزوياننى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئېراقچى ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزوياننى قوبۇل قىلغان.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش مۇساپىسى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايونلۇق مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مۇنبەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ چېھرىسىنىڭ دائىمىي تىنچلىق يولىغا ئۆزگىشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، بۇ مۇنبەرنى قۇرۇلمىلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق دىيالوگ مىخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا توقۇنۇشلارنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېەيتىۋېتىش يولىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىلمىغان ھەر كۈنى رايونلۇق ئۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشتا مۇھىم بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇنى ھەربىر مۇنبەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.