فىدان ھاماس ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىستانبۇلدا ھاماس شۇرا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش ئىسمائىل ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2200500
فىدان ھاماس ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىستانبۇلدا ھاماس شۇرا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش ئىسمائىل ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

 ئۇچرىشىشتا غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مىنىستىر فىدان غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇچرىشىشتا ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ تەرەققىياتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا يارىشىش مۇساپىسى توغرىلىقمۇ توختالغان مىنىستىر فىدان مىسىرنىڭ ساھىبخانلىقىدا قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان.

فىدان ئاخىرىدا ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى يەھيا سىنۋارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھاماس رەھبەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر