تۈركىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىق نىيەت خېتى ئىمزالاندى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىيەت خېتىنى ئىمزالىدى.
2200138
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر گۈلەر بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى يىغىنلارغا قاتناشتى.
گۈلەر يىغىن جەريانىدا رۇمىنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانگېل تىلۋار ۋە بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاتاناس زاپريانوۋ بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا گۈلەر، تىلۋار ۋە زاپريانوۋ تۈركىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىيەت خېتىنى ئىمزالىدى.