جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلالايدىغىنىڭ شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2200307
جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلالايدىغىنىڭ شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «جەنۇبىي كاۋكازغا بولغان كۆز قارىشىمىزنىڭ ئاساسىدا رايونلۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش چۈشەنچىمىز بار» دېدى.

جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقتا.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراقچى ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قاتارلىقلار قاتناشقان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكىلتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان مىنىستىر فىدان، ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز قارىشىنىڭ ئاساسىدا رايونلۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش چۈشەنچىسىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى، رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ھەل قىلالايدىغىنىنىڭ شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېقىن جۇغراپىيەمىزدە بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتقان داۋالغۇشلۇق جەريانلار، ئۇرۇشلار، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە پەيدا قىلغان تىراگېدىيە ۋە زۇلۇم گىرداۋى، رايونلۇق سەۋىيەدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جەنۇبىي كاۋكازغا بولغان كۆز قارىشىمىزنىڭ ئاساسىدا رايونلۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش چۈشەنچىمىز ياتىدۇ. رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ھەل قىلالايدىغىنى شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، قارىشىمىزنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يىغىنىمىزنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىگە دائىر ئورتاق باياناتنى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يىغىندا، رايوندا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنداقلا رايون دۆلەتلىرى ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكرېت ھەمكارلىق تۈرلىرى مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر