گۈلەر ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
2200110
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىر گۈلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.