فىدان: ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2200095
فىدان: ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «نۆۋەتتە بىز بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەقەلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتە پەلەستىن - غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، بىر تەرەپتە لىۋاننىڭ ۋەزىيىتى، يەنە بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيە - ئىران ئۇرۇشى پارتلاش ئېھتىماللىقى بار. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس دىنامىكىسى بار. بىز ھەممىسىدىن خەۋەردارمىز.»

فىدان ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى پارتلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارىشىمىز كېرەك. بۇ ئەھۋالغا قارىتا دۆلەت ۋە رايون سۈپىتىدە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. رايوندا ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى بىز ئارزۇ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بىز يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەتكە، ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايونىمىزدا ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز. رايون خەلقلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش بولماسلىقى كېرەك.»

مىنىستىر فىدان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئەگەر ئىران قانۇنىي جەھەتتىن ئۆزىنى قوغدىماقچى بولسا، بۇ ئىراننىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر