ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 45 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە يوقىتىش ئىستىراتېگىيەسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 45 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2199870
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە يوقىتىش ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ ئىستىراتېگىيەگە ئاساسەن ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 45 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ 194 كە يەتكەن.